شەرقىي تۈركىستاندىكى مەنبەلەردە بەزى ئۇچۇرلارنىڭ خاتا ياكى كام بېرىلگەنلىكى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بىر مىسال- ئەخمەت كامال ھەققىدىكى ئۇچۇرلار

  شەرقىي تۈركىستاندا نەشر قىلىنغان بەزى مەنبەلەردە ئەخمەت كامال بىلەن مۇناسىۋەتلىك بەزى ئۇچۇرلارنىڭ توغرا بېرىلمىگەنلىكى بايقالدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ كىشى ھەققىدە بېرىلگەن ئۇچۇرلارنىڭ تولۇق بولمىغانلىقى سەۋەپلىك، ئۇنىڭ ئۇيغۇر مىللىي مائارىپى تارىخىدا تۇتقان ئورنى، تازا ئېنىق بولمىدى. بۇ ماقالىدا ئەخمەت كامالنىڭ ھاياتىنى قىسقىچە تونۇشتۇرغاندىن كېيىن، ئۇنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى مەنبەلەردە تىلغا ئېلىنىشىنىڭ سەۋەپلىرىنى، تولۇق ياكى توغرا بېرىلمىگەن ئۇچۇرلارنىڭ قايسى ئۇچۇرلار ئىكەنلىكىنى، بۇ خاتالىقلارنىڭ سادىر بولۇش سەۋەپلىرىنى ۋە مۇشۇنداق خاتالىقلاردىن ساقلىنىش ئۈچۈن نېمىلەرنى قىلىش كېرەكلىكىنى قىسقىچە بايان قىلىشقا تىرىشىمىز. مەزكۇر ماقالىدا، مەتبۇئاتلاردا بېسىلغان ۋە تېما بىلەن مۇناسىۋەتلىك ماتېرىياللارنىڭ مەزمۇنىغا قارىتا، سېلىشتۇرۇش ۋە تەھلىل قىلىش مېتودى ئىشلىتىلگەن. خاتا ئۇچۇرلارغا بىر مىسال كۆرسىتىش ئارقىلىق، ئۇچۇرلارنىڭ توغرا ۋە تولۇق بولۇشىنىڭ ئەھمىيىتىنى تەكىتلەش، ئۇچۇر مالىمانچىلىقى مەسىلىسىگە بولغان دىققەت-ئېتىبارنى قوزغاش مەقسەت قىلىنىدۇ.

AN EXAMPLE REGARDING INABILITY OF PROVIDING SOME EXACT AND COMPLETE INFORMATION IN SOURCES IN EAST TURKESTAN INFORMATION ON AHMET KEMAL

It has been detected that some information regarding Ahmet Kemal was not provided right and exact in some resources published in East Turkestan. Furthermore, the place of this person in the history of Uyghur national education is not clear due to the lack of the information provided regarding Ahmet Kemal. In the study, life of Ahmet Kemal will be introduced in short, the reasons behind uttering him in the resources in East Turkestan, the wrong or lacking information, the reasons behind arising of such mistakes and the measures to be taken to prevent such mistakes will be indicated. In this paper, content comparison and analysis methods regarding printed resources have been used concerning the matter. The purpose of the paper is to emphasize the importance of providing exact and complete information through an example shown in terms of misinformation and attract attention to info-pollution.

___

  • ئابدىرېھىم، ش. (1984). ”قەشقەردە پەننىي مەكتەپلەرنىڭ شەكىللىنىشى ۋە تەرەققىياتى توغرىسىدا“ .«شىنجاڭ تارىخ ماتىرياللىرى» . س. 13، ب. 95-99 . ئەزىزى، س. (1990). «ئۆمۈر داستانى ». بېيجىڭ: مىللەتلەر نەشرىياتى، ق:1 .ئەكرەم، ئە. (2011). «چىنىن ئورتا ئاسيا پولىتىكالارى-راپور ». ئەنقەرە: غوجا ئەخمەت يەسەۋى خەلقئارالىق تۈرك-قازاق ئۇنىۋېرسىتېتى.تالىپ، ئا. (1990). «ئۇيغۇر مائارىپ تارىخىدىن ئۇچىرىكلار» . ئۈرۈمچى: شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى.توكەر، م. (2004). ” ئىسمائىل گاسپىرالى ۋە 'دىلدە بىرلىك' فىكرى ئۈزەرىنە“، «سەلچۇق ئۇنىۋېرسىتېتى تۈركىيات ئاراشتىرمالارى» ژورنىلى. س. 16. ب. 32-45.توختى، ئى. (2015). «يولۇم ۋە غايەم: ئۇيغۇر تۈركلىرى ۋە چىن مەسەلەسى». نەشرگە تەييارلىغان: ھامىت گۆكتۈرك. ئىستانبۇل: شىرا نەشرىياتى.جېڭ، ف. (2003). ”پىڭ ياڭ زېڭشىن جى شىنشىچىدې مىنزۇ جېڭسې“ . «شىبېي دىئېر مىنزۇشۆ يۈەن» گېزىتى. س. 1، ب. 11-16.داغچى، ك ۋە كەسكىن، م. (2013). ” چىنىن دوغۇ تۈركىستان پولىتىكاسى ۋە ئازىنلىك ھاكلارى باغلامىندا ھاك ئىھلاللېرى “. «بارىش ئاراشتىرمالارى ۋە چاتىشما چۆزۈملېرى» ژورنىلى. س. 2، ب. 11-29.دوۋيېر، ئا. (2005). «دې شىنجاڭ كونفلېت: ئۇيغۇر ئايدېنېلي لانگۋىچ پالىسىي ئاند پلىرىكول دېسكورس ». پالىسىي ستادىس 15. ئىس-تۇەس سەنېر ۋاشىنگىتون.دىيار، ئابدۇراھمان م. (1996). ”ئەنجۈر ماكانى مەرىپەت ئوچىقى تېجەن“، «شىنجاڭ تارىخ ماتىرياللىرى». س. 40، ب. 53-59.روزى، ي. (2012). ”مەمتىلى ئەپەندىنىڭ سۈرىتىنى ئىزدەش“، « لاي قەلئەنىڭ سىرى». ئۈرۈمچى: شىنجاڭ پەن-تېخنىكا نەشرىياتى.رېن، يى ف ؛ ھوشۇر، ي. (2014). « ئۇيغۇرلار ». بېيجىڭ: مىللەتلەر نەشرىياتى. سابىت ، ئى. (1993). ” شىنجاڭنىڭ يېڭى مائارىپ تارىخىدىكى ئوتتۇرا تېخنىكۇم مەكتىپى-ھابىبزادە دارۇلمۇئاللىمىنى“، «شىنجاڭ تارىخ ماتىرياللىرى» .س. 34، ب. 89-91.سېيىت، م؛ روزى، ي؛ زوردۇن، ئا. (1997). «مەمتىلى ئەپەندى». ئۈرۈمچى: شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى نەشرىياتى.قارلۇق، ئا. (2009). ” ئۇيغۇر يېنىلەشمە سۈرەجىندېكى ئىستانبۇل ئېكولۈ ۋە ئونۇن بازى تەمسىلجىلېرى ئۈزەرىنە “. «تۈرك كۈلتۈرۈ». ئەنقەرە: تۈرك كۈلتۈرۈ تەتقىقات ئېنستىتۇتى. س. 2009 -2، ب. 290-328.ما ،دا ج. ؛ شۇ جىيەن ي. (2007). « ‹شەرقىي تۈركىستان دۆلىتى ›خام خىيالىنىڭ بەربات بولۇشى». ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلغۇچى: ئەخمەت مۆمىن تارىمى ، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى نەشىرى، ئېلكىتاپ نۇسخىسى. نىياز، ئى. (1984). ” ئاتۇش ناھىيە ئېكساق كەنتىدە يېقىنقى زامان پەننى مائارىپىنىڭ دۇنياغا كېلىشى“ ، «شىنجاڭ تارىخ ماتىرياللىرى». س. 13، ب. 83- 94 .ھاجى، ئا. (1986). ” 1933- يىلىدىن 1937- يىلىغىچە قەشقەر، خوتەن، ئاقسۇلاردا بولۇپ ئۆتكەن ۋەقەلەر“، «شىنجاڭ تارىخ ماتىرياللىرى». س. 17، ب. 1-113.ھەبىبزادە، ئەخمەت ك. (1925). «چىن تۈركىستان خاتىرالارى». ئىزمىر: مارىفەت باسمىخانىسى.ئىلقۇل، ئەخمەت ك. (1955). «تۈركىستان ۋە چىن يوللارىندا ئۇنۇتۇلمايان خاتىرالار». ئىستانبۇل: زارىف ئىش باسمىخانىسى..ئىلقۇل، ئەخمەت ك. (1962). « بىر يېتىمىن ھاياتى». ئىستانبۇل: ھاملە باسمىخانىسى.ئىلقۇل، ئەخمەت ك. (1997). « چىن تۈركىستان خاتىرالارى شاڭخەي خاتىرالارى». نەشىرگە تەييارلىغان: يۇسۇف گېدىكلى. ئىستانبۇل: ئۆتۈكەن نەشرىياتى.
  • www.npc.gov.cn/npc/zfjc/ywjyf/2008-09/08/content_1452576.htm (ئېرىشىش ۋاقتى: 2018-يىلى5-ئاينىڭ 24-كۈنى، 10:55)